United Coder
Contact information, map and directions, contact form, opening hours, services, ratings, photos, videos and announcements from United Coder, Science, Technology & Engineering, 8950 Maryland 108, Columbia, MD.
United Coder LLC offers software engineering & development, IT staffing & consulting, web technology support, IT education consulting, and software engineers training and project based assessment services.
07/30/2026
كۈچۈرمىكەشلىكمۇ، دوراشمۇ ياكى ئۈگۈنۈشمۇ؟
يېقىندا مەن سۈنئى ئەقىل ئېنجىنىرلىقتا تەربىيلەش توغرۇلۇق توردا رىكلام بەرسەم، تور دۇنياسىدا ئوخشاش تىمىدىكى تەربىيلەش ئۇچۇرلىرى كۆپىيىپ قالدى. بىر قىسىم قېرىنداشلار مەندىن ، باشقىلار چىقارغان تەربىيلەش پىروگىراممىسى بىلەن، سىزنىڭ تەسىس قىلغان دەرسلىكىڭىزنىڭ قانداق پەرقى بار دەپ سورىدى. مەن ئاددى قىلىپ ئۇستازنىڭ شاگىرت تەربىيلىشى بىلەن شاگىرتنىڭ شاگىرت تەربىيلىشى ئوخشىمايدۇ دەپ جاۋاپ بىرىپ قويدۇم. ئۈگەنگۈچىلەر ئۈزۈڭلار قارار چىقارساڭلار بۇلىدۇ. رەھمەت.
07/27/2026
iUyghur AI Platform Sign Up - ئاكانت قۇرۇش ياكى گۇگۇل بىلەن كىرىش This video is about creating an account on iUyghur AI platform or s...
07/27/2026
iUyghur AI Uyghur Names - ئۇيغۇر سۈنئى ئەقىل سېستىمىسىدىكى ئۇيغۇر ئىسىملەر لوغىتى This video explains how to search Uyghur names on iUyghur AI platfo...
05/26/2026
ئەسسالام قېرىنداشلار،
سىلەرگە قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىدا بىر خوش خەۋەر ئېلىپ كەلدىم. ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ سۈنئى ئەقىل تېخنىكىسىنى ھەم سېستىمىلىرىنى ئىشلىتىپ، سۈنئى ئەقىل تەرەققىياتىغا ماسلىشىشغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەكتەپ تورىنى سۈنئى ئەقىل ئۈستىگە قۇرۇلغان سۇپىغا ئايلاندۇرۇپ ياساپ چىقتىم. بۇ سېستىما بىلەن، ئىشلەتكۈچىلەر سۈنئى ئەقىل ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈش، ئېنگىلىزچە ئۈگۈنۈش، رەسىم چىقىرىش، يېزىق ئالماشتۇرۇش، ساياھەت پىلانى تۈزۈش، پائالىيەت پىلانى تۈزۈش، خىزمەت ئۈچۈن رېزىمنى ساقلاش ھەم تۈزەش، خىزمەت ئىلتىماسى خەتلەرنى چىقىرىش ، ئېنگىلىزچە خەتلەرنىڭ كۈڭۈل تەھلىلنى ئانالىز قىلىش ھەم پاراڭلىشىش قاتارلىق ئىشلارنى ئېلىپ بارالايدۇ. سۈنئى ئەقىل سېستىمىسىنىڭ ئارقا سەپ سۇپىسىدىكى مۇلازىمەتچى ماشنا ، سانلىق ئامبىرى ھەم سۈنئى ئەقىل مودىلى قىممەت بولغاچقا، سېستىمىنىڭ بارلىق ئىقتىدارلىرىنى مەلۇم مىقداردا چەكلىمە بىلەن ھەقسىز ئىشلىتىپ، داۋاملىق ئىشلىتىشنى ئۇيلاشسىڭىز، ئايلىق پۇل تۆلەيسىز. ئۇيغۇر بولغاندىن كىيىن ھەقسىز قىلسا بولمامدۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق بىر سۇپىنى لاھىيەلەش ئۈچۈن ، ئۇزۇن يىللىق تېخنىكا تەجىربىسى، ۋاقىت ھەم ئىقتىساد كىتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇيغۇر بولغاندىن كىيىن، ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ ئەمگىگىنى ئەملى ئىشلىتىش ئارقىلىق قوللاڭ. سېستىمىنى ئىشلىتىش توغرۇلۇق ، سىن ئىشلەپ تورغا چىقىرىمەن. ئىشلىتىش جەريانىدا مەسلە بايقىسىڭىز ياكى باشقا ئىقتىدارىغا ئېھتىياجىڭىز بولسا، پىكىر بەرسىڭىز، سېستىمىنى ئوزلۈكسىز مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىمەن.
تۈۋەندىكى تور ئادرىسى بىلەن كىرىپ، ئېلىخەت ئارقىلىق ئاكانت قۇرىسىز. ئېلىخەت ئادرىسىڭىزنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، سېستىمىنى ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ. سۈنئى ئەقىلدىن ئۇچۇر تەلەپ قىلغاندا، سۈنى ئەقىل ئۈچۈن ئازراق ئويلىنىش ۋاقتى لازىم، شۇڭلاشقا سېستىما سەل ئاستا بولسا، سەۋرىچان بۇلۇڭ. سېستىمىنى ئىشلىتىش سىزگە قالدى. رەھمەت.
https://uyghurschool.com
05/04/2026
ئەسسالام قېرىنداشلار،
سۈنئى ئەقىل تېخنىكىسنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان تەربىيلەش مەكتەپلىرى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى پىروگىرامما تۈزەش ، تىل تەربىيلەش قاتارلىق دەرس ئۈتۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بۇلۇپ، تېخنىكا تەرەققىياتىغا ماس كىلىدىغان سېستىمىلارنى قۇرۇشقا باشلىدى. ھازىرقى يۈلۈنۈش بولسا، سۈنئى ئەقىل ئارقىلىق بىرگە بىر دەرس ئۈتۈشنى يولغا قۇيۇش. بۇ خىل ئۇسۇلدا، ھەر بىر ئۇقۇغۇچى ئۈزىنىڭ ئۈگۈنۈش ئۇسلۇبى بۇيىچە سۈنئى ئەقىل مۇئەللىمى بىلەن پاراڭلىشىپ، خالىغان ۋاقىت ھەم ئۇرۇندا دەرس ئۈگەنسە بۇلىدۇ.
United Coder
شىركىتىمىز، بۇنىڭدىن كىيىنكى تەربىيلەشنى سۈنئى ئەقىل مۇئەللىمى ئارقىلىق بىرمۇ بىر دەرس ئۈگۈنىدىغان سۇپىغا ئايلاندۇردۇ. بۇ خىل سۇپىنى قۇرۇپ چىقىشقا، بىر مەزگىل ۋاقىت كىتىدۇ. دەرسلىك سېستىمىسى تەييار بولغاندا توردا ئۇقتۇرىمىز.
EdTech CodingBootcamp SkillsForTheFuture
Be persistent, be consistent, keep going, never stop تەن ساقلىق زور بايلىق. بەدەن چېنىقتۇرۇشتىكى ئىزچىللىق، ھەم ياخشى ئادەتنى ھەرگىز توختاتماڭ.
Click here to claim your Sponsored Listing.
Category
Contact the business
Telephone
Address
8950 Maryland 108
Columbia, MD
21045
Opening Hours
| Monday | 4pm - 8:30pm |
| Tuesday | 4pm - 8:30pm |
| Wednesday | 4pm - 8:30pm |
| Thursday | 4pm - 8:30pm |
| Friday | 4pm - 8:30pm |
| Saturday | 9am - 4pm |